关于我们.jpg

خەلقىمىزنى ھاياتىي كۈچكە تولغان كۆركەم چاچقا ئىگە قىلىپ، ھۆسنىگە ھۆسىن، قەددىگە قامەت بېغىشلاشنى ئۆزىگە مىزان قىلغان شىنجاڭ قامەت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2019 -يىلى 8 -ئايدا، تىرىشچان ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى مۇختەربەگ ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا گۈزەل شەھەر ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان دىيارىمىزنىڭ ھاۋا كېلىماتى، خەلقىمىزنىڭ يېمەك –ئىچمەك ئادىتى، گۈزەللىك قارىشى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جۇڭيى تىبابىتى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتى رېتسىپلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا «قامەت» ماركىسدىكى تۈرلۈك چاچ مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ئېتراپىغا ئېرىشتى. شىركەت خېرىدارلارنى رازى قىلىش بىرىنچى، سەمىمىيلىك بىرىنچى، ئىشەنچ بىرىنچى دېگەننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سۈپەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويغاچقا، قىسقىغىنا 2 يىل ئىچىدە 100 ھەمكارلاشقۇچى پايچەككە، 5000 دىن ئارتۇق ۋاكالەتچىگە، 40 دىن ئارتۇق قامەت نامىدىكى مەخسۇس چاچ ساغلاملىق سارىيىغا ئىگە مۇنتىزىم بىر كوللېكتىپقا ئايلاندى. بۇ شىركەت يەنە چاچ مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قامەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى گۈزەل ۋە ساغلام چاچقا ئىگە قىلدى.

قامەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن خېرىدارلار قامەت ماركىسىغا يۇقىرى باھا بېرىشتى. شىركەت يەنە جەمئىيەتتىكى ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىشنى ئويلىشىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ياشلارغا ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆگىنىش ھەمدە ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى. قامەت شىركىتى نۆۋەتتە «تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ چاچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز ۋە بۇرچىمىز» دېگەننى ئۆزىگە شوئار قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرى بار، مەملىكەتكە تونۇلغان داڭلىق ماركىلىق شىركەتكە ئايلىنىش يولىدا توختاۋسىز تىرىشماقتا، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا.

شىركىتىمىز كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، رايونىمىز كىشىلىرىنىڭ تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن

«چاچ چىقىرىش چاچ ئاسراش يۈرۈشلىكى»،«ئاق چاچنى يىلتىزىدىن قارايتىش يۈرۈشلىكى»،«قامەت چاچ ئاسراش چېيى»،قامەت چاچ  چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چاچ سوپۇنى»،«قامەت سېلىن تابلىتى» ،«قامەت ۋىتامىنB گۇرۇپىسى تابلىتى»،«قامەت باش ئۇۋۋۇلاش زەنجىۋىل مەلھىمى»،«قامەت مىھىرىگىياھ چاچ دوكتۇرى»،«قامەت 8 گۆھەر كوملىچى» قاتارلىق كوزۇر مەھسۇلاتلارنى  «قامەت» ماركىسىدا ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. قامەت ماركىسىدىكى چاچ چىقىرىش، چاچ ئاسراش ۋە ئاق چاچنى يىلتىزىدىن قارايتىش

مەھسۇلاتلىرى 13 يىللىق سىناق ۋە تەتقىقاتنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئۈنۈمكى كۆرىنەرلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.


var _hmt = _hmt || []; (function() { var hm = document.createElement("script"); hm.src = "https://hm.baidu.com/hm.js?520556228c0113270c0c772027905838"; var s = document.getElementsByTagName("script")[0]; s.parentNode.insertBefore(hm, s); })();